جۇدالىق (Judaliq) - 买吾兰·买买提明
بولدۇم ئاخىرى بۈگۈن ئاي نىگارىمدىن جۇدا،
شۇم ئەجەل قىستاپ كېلىپ قىلدى باغرىمدىن جۇدا،
بۇ غېرىپ كۆڭلۈم خوشى بىر سەن ئىدىڭغۇ گۈل نىگار،
كاج پەلەك تەتۈر ئىكەن قىلدى جاناندىن جۇدا،
ھۆر پەرى سەندەكمىدۇر ئېيتقىنا مەن بىلمىدىم،
رازى مەن قىلساڭ ئەگەر خەستە جانىمدىن جۇدا
بۇ جەسۇر ئاجىز ئىكەن ئەمدى بىلسەم ۋادەرىخ،
بىر يولى بولدۇم بۈگۈن تاجۇ تەختىمدىن جۇدا