بىر قىز - 希尔艾力
词:مەخمۇتجان غوجا ئۈمىدۋار
曲: كېرەمجان مۇھەممەد ئەلى
بىرقىز
ئاكوردلاشتۇرغۇچى كېرەمجان مۇھەممەد ئەلى
ناخشىدا شىرئەلى غېنى
ئاشىق بولۇپ قالدىم شۇنچە باغلىنىپ
لېكىن مېنى پەقەت كۈتمىدى بىر قىز
تالاي قىزلار ئۆتتى،ئۆتتى نازلىنىپ
تار كوچامدىن ئۆتمىدى بىر قىز
بەرسەممۇ مەن گەرچە چەكسىزمۇھەببەت
دىل سۆزىنى ماڭا ئېيتمىدى بىر قىز
قارلىغاچلار كەلدى،كەلدى نەچچە رەت
تۇرنا بولۇپ قايتمىدى بىر قىز
دەردۇ ھالىمغا يەتمىدى بىرقىز
دىللىرىم خۇرسەن ئەتمىدى بىرقىز
ئۆزى يىراقلاپ كەتتىغۇ لېكىن
خىياللىرىمدىن كەتمىدى بىرقىز
پىراقىدا كۆيۈپ يۈردۈم كۈل بولۇپ
دەردۇ ھىجرانىمدا كۆيمىدى بىرقىز
ئۆتەرمۇ ياشلىقىم،ياشلىقىم توزۇپ
مېھىر بىلەن سۆيمىدى بىرقىز
تەنھا كېچە غەمكىن ئۆتىدۇ تۈنلەر
ھىلال كەبى تاتلىق كۈلمىدى بىرقىز
بىلەلمىدىم بارمۇ،بارمۇ شاد كۈنلەر
چىن ئىشقىمنى بىلمىدى بىرقىز