ئوخشايسەن گۈلگە - 希尔艾力
词:ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى
曲:شىرئەلى غېنى
ئوخشايسەن گۈلگە
اكوردلاشتۇرغۇچى
كېرەمجان مۇھەممەد ئەلى
ئابدۇراخمان مەمەتتۇرسۇن
تىكىست كىرگۈزگۈچى
سەھەردىكى قۇياشتەك
كۆكتىكى تولۇن ئايدەك
پەيدا بولۇپ ئالدىمدا
ئاشىق دىلنى قىلدىڭ شەيدا
ھەركۈن سېنى ئويلاپ
سۈرۈپ شېرىن خىيال
بارلىقىمنى ئاتىدىم ساڭ
سۆيگۈمگە بەرگىن ۋىسال
مېھرىم گويا دەري
سەن ئۈچۈنلا دولقۇنلار
چۆمۈپ باغلار باھار پەيزىگە
قۇشلار خوشال ناۋا قىلا
قەلبىمگە شاتلىق تولار
نىگارىم ئوخشايسەن گويا گۈلگە
سەن باركى چېھرىمدە ئۆچمەس كۈلكە
رىشتىمىز مەڭگۈگە ئاشسۇن داۋان
جۆر بولغىن دىلدىكى كۈيگە
نىگارىم ئوخشايسەن گويا گۈلگە
سەن باركى چېھرىمدە ئۆچمەس كۈلكە
رىشتىمىز مەڭگۈگە ئاشسۇن داۋان
جۆر بولغىن ۋىسال كۈيگە
مۇزىكا
ھەركۈن سېنى ئويلاپ
سۈرۈپ شېرىن خىيال
بارلىقىمنى ئاتىدىم ساڭا
سۆيگۈمگە بەرگىن ۋىسال
مېھرىم گويا دەريا
سەن ئۈچۈنلا دولقۇنلار
چۆمۈپ باغلار باھار پەيزىگە
قۇشلار خوشال ناۋا قىلار
قەلبىمگە شاتلىق تولار
نىگارىم ئوخشايسەن گويا گۈلگە
سەن باركى چېھرىمدە ئۆچمەس كۈلكە
رىشتىمىز مەڭگۈگە ئاشسۇن داۋان
جۆر بولغىن دىلدىكى كۈيگە
نىگارىم ئوخشايسەن گويا گۈلگە
سەن باركى چېھرىمدە ئۆچمەس كۈلكە
رىشتىمىز مەڭگۈگە ئاشسۇن داۋان
جۆر بولغىن دىلدىكى كۈيگە