sama - 群星
词:Muhemmet eli zunun teshnayi
曲:Ablet Ablikim阿布来提·阿布力克木
ساما سەيناسى بىرلىك دۇنياسى
ساما خەلقىمنىڭ ئاشىق تەشناسى
ساما،ساما دەيمۇ،ساما دەيمۇ
باھارغا تاڭ سابا،سابا دەيمۇ
نىمجانغا جان دەرمان،مادار بەرگەن
ئۇلۇغ مەلھەم داۋا،داۋا دەيمۇ
ساما قاينايدۇ دوستۇم ساما سال
ساما تەختىڭنىڭ شاھى بۇلۇپ قال
مىراس سەن بىزگە ئەجداتتىن
جەسۇر مەردانە كارۋاندىن
خۇشال بولمايدىغان كىم بار
ساما سالغان بۇ مەيداندىن
ئىناقلىق مىھرى تارالغان
بىز ئوينىغان سامادىن
خۇشال بولمايدىغان كىم بار
ساما سالغان بۇ مەيداندىن
ساما سەيناسى بىرلىك دۇنياسى
ساما خەلقىمنىڭ ئاشىق تەشناسى
ئەركەكلەر ساماسىغا
زىمىن-ئاسمان قىلۇر خەندە
ساما سال قان –قېرىندىشىم
تاغدەك كۈچ قۇۋۋەت تەندە
ساما سالساق كارامەت
ئوت چاقنايدۇ تاپاندىن
ساما ئۆزى يارالغان
يۈرەكتىن ساپ قاندىن
ساما سەيناسى بىرلىك دۇنياسى
ساما خەلقىمنىڭ ئاشىق تەشناسى
ساما قاينايدۇ دوستۇم ساما سال
ساما تەختىڭنىڭ شاھى بۇلۇپ قال