ئەزمەتجان azmatjan - بىلىپ قال (bilip kal)
بىلىپ قال
ئەزمەتجان
تېكسىت كىرگۈزگۈچى:ئابدۇخالىق ئەھەت
ئازار بەردىڭ دىلىمغا سېغىنمايمەن بىلىپ قال
پىراقىڭدا ئۆلسەممۇ يېلىنمايمەن بىلىپ قال
كېتەر بولساڭ كېتىۋەر يار بەختىڭنى تېپىۋەر
كەتمىگىن دەپ قولۇڭغا ئېسىلمايمەن بىلىپ قال

مۇزىكا
تەلمۈر شوق كۆزۈڭگە قىلىپ قويدۇڭ ئۆزۈڭگە
ئەمدى يالغان سۆزۈڭگە ئىشەنمەيمەن بىلىپ قال
ئەمدى سىنى سۆيمەيمەن ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن
ئۆتۈپ كېتەر بۇ كۈنمۇ ئېچىنمايمەن بىلىپ قال

ياشاپ باققىن مەنسىزمۇ ياشاپ باقاي غەمسىزمۇ
بەختىم كىلەر سەنسىزمۇ يىغلىمايمەن بىلىپ قال

رەنجىمىگىن مىنىڭدىن كېتەر بولدۇم يېنڭدىن
يۈرۈگۈمدىن سۆيسەممۇ كەچۈرمەيمەن بىلىپ قال

كەچۈرمەيمەن بىلىپ قال