Ayrilip Ketting(离别)
作词:PIN
作曲:PIN
ئايرىلىپ كەتتىڭ يىراققا
تاشلاپ مېنى ئوت پىراققا
ساڭا كۆيگەن بۇ قەلبىمنى
چۈشەنمىدىڭ
يار مەندىن بىزار بولۇپسەن
چۈنكى ئۆزگە يارنى سۆيۈپسەن
دۇنيادىن كېتىپ
ھاياتىمدىن يانغۇدەك بولدۇم
كېچە ھەم كۈندۈز كۆز ئالدىمدا سەن
نىچۇن مېنى قىينايسەن
چىىن سۆيگۈمىزنى خار قىلما
ئايرىلىپ كەتمە بىۋاپا بولما
ئۈمۈدلىرىمنى شامالغا ئۇچۇرۇپ
مېنى مۇنچە ئىنتىزار قىلما
سەنسىز بۇ ھايات ئۆتمەيدۇ
يۈرىگىم ھىجرانغا چىدىمايدۇ
بولدى قىل ئەمدى مېنى قىينما
يۈرۈگۈمنى جانىم داغلىما
دەردۇ ئەلەم تاغ بولۇپ باستى
ھىجرانىڭدا تەلمۈرۈپ قالدىم
پىچىرلاپ ئېيتقان سۆزلىرىڭنىڭ
يوقمىدۇ راستى ․․․
ھىجرانلاردا ئاھ ئۇرۇپ يۈردۈم
غېرىپلىقنىڭ دەردىنى كۆردۈم
ئۈمىد ئۈزەلمەي دەرزىڭگە
تەلمۈرۈپ يۈردۈم
كېچە ھەم كۈندۈز كۆز ئالدىمدا سەن
نىچۇن مېنى مۇنچە قىينايسەن
چىن سۆيگۈمىزنى خار قىلما
ئايرىلىپ كەتمە بىۋاپا بولما
ئۈمۈدلىرىمنى شامالغا ئۇچۇرۇپ
مېنى مۇنچە ئىنتىزار قىلما
سەنسىز بۇ ھايات ئۆتمەيدۇ
يۈرىكىم ھىجرانغا چىدىمايدۇ
بولدى قىل ئەمدى مېنى قىينىما
يۈرۈگۈمنى جانىم داغلىما
چىن سۆيگۈمىزنى خار قىلما
ئايرىلىپ كەتمە بىۋاپا بولما
ئۈمىدلىرىمنى شامالغا ئۇچۇرۇپ
مېنى مۇنچە ئىنتىزار قىلما
سەنسىز بۇ ھايات ئۆتمەيدۇ
يۈرىكىم ھىجرانغا چىدىمايدۇ
بولدى قىل ئەمدى مېنى قىينىما
يۈرۈگۈمنى جانىم داغلىما