Kiriktin Otkande - قىرىقتىن ئۆتكەندە - 阿不都拉
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قىرىقتىن ئۆتكەندە
تېكىست كىرگۈزگۈچى ئابلىكىم دولقۇن
بىلگار سالونىئىزدەش نامى
ئۆتكەن كۈنلەر جەبرىنى
يۈرەگىڭنىڭ سەۋرىنى
يېقىنلىرىڭ قەدرىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
ئۆتكەن كۈنلەر جەبرىنى
يۈرەگىڭنىڭ سەۋرىنى
يېقىنلىرىڭ قەدرىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
رەيھانلەرنىڭ ئەترىنى
مۇھەببەتنىڭ دەردىنى
پەرزەنتىڭنىڭ بەختىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
ھەقنى يازماس قەلەمنى
خاتا باسقان قەدەمنى
جانغا پاتقان ئەلەمنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
مۇزىكا
ساڭا تەشنا دىللارنى
سېخى جەننەت قوللارنى
ئىزسىز ئۆتكەن يوللارنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
يارغا بەرگەن ئازارىڭ
ھەق ۋە ناھەق قارارىڭ
چىن دوست ۋە يا ئەغ يايرىڭ
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
كەتكىنىدە ياخشىلار
ئېيتىپ دەرتلىك ناخشىلار
يۈرەك باغرىڭ تىرنىلار
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
ئاتائاناڭ قەدرىنى
ئەل يۇرتۇڭنىڭ مېھرىنى
بۇ مۇقەددەس رىشتىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
ئۆتكەن كۈنلەر جەبرىنى
يۈرەگىڭنىڭ سەۋرىنى
يېقىنلىرىڭ قەدرىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
قەلبىم ئۆزۈڭ ئەمىر ئەت
مەن نادانغا رەھىم ئەت
ئاناڭ قەدرىگە ھەم يەت
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
ئاتاڭ قەدرىگە ھەم يەت
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
قىرىقتىن ئۆتكەندە